Datasets:
title stringclasses 583
values | text stringlengths 21 2.84k | author stringclasses 121
values | source stringclasses 16
values |
|---|---|---|---|
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | # ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق **ئاپتورى:** بۇرھان مۇھەممەد **ۋاقتى:** 2020-يىل 17-ئاۋغۇست ## -1- ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنىڭ، ھەمدەمچىلىك ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىرقىي ئايرىمىسى، سىنىپىي تەۋەسى، پارتىيە ياكى تەشكىلات ئايرىمىسى بولمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سىياسىي ھەرىكەت تەجرىب... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | چۈنكى، بىرىمىزنىڭ يولى تاقالسا، يەنە بىرىمىزنىڭ ئېچىلغان يولى ئارقىلىق كۈرەشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك بولاتتى. چۈنكى، دۈشمەن رەزىل، بىرىمىز يىقىلساق، يەنە بىرىمىز دەرھال قەددىنى تىكلەپ لەپىلدەۋاتقان بايراقنى يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرىدىغان، دۈشمەننىڭ غەلىبە چۈشىنى بەربات قىلىشقا يارايدىغان ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ تۈگەپ قالمايدى... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغىنىمىزنى، ئاتلانغان بۇ يولدا دۈشمەننى رەسۋا قىلىش، مىللەتنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك تۈپ غايە ئەمەلگە ئاشمىغۇچە ھېچنەرسىنىڭ بىزنى سۈكۈتكە مەھكۇم قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ھېچبىر كۈچنىڭ نىيەت - ئىقبالدىكى بىرلىكىمىزنى بۇزالمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇدۇق. تۈركۈملىشىشمىز، تۈ... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | خىيالىمىزچە مۈلۈكلەشتۈرۈۋالغان، ئاللىبۇرۇن ئاتالمىشقا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان ۋە ھەقىقىتى ئۆچۈرۈلۈپ شەكلىيلەشتۈرۈۋېتىلگەن ۋە ئاللىبۇرۇن روھىنى جىمىقتۇرۇپ ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن «دەۋا» ئاتلىق تاۋارنى قوغداپ قىلىش، ھەمدە تىكلىگەن سىياسىي ماركىمىزغا ئىگە چىقىش يولىدا ئۈنىمىزنى بوغۇلغىدەك دەرىجىدە جاراڭلاتتۇقكى، جاراڭ... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | ## 3 مانا بۇ خىل رېئاللىقلار ماھىيەتتە توپلۇمنىڭ ئاڭلىق زېھىنىيەتلىك ۋەزىيەتتىن چىرىگەن زېھنىيەتكە قەدەم قويۇشقا قاراپ مېڭىشى بولۇپ، سەھنىدە بوي كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ غايە بىلەن ۋاسىتىنى، ۋەزىپە بىلەن نىشاننى پەرق قىلالمايدىغان سەۋىيەگە چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقى، شەخسىي مايىللىقى بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىنى ئىلغا قىل... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، بۇ قەدەر كۆپلەپ تۈركۈملەرگە ئايرىلىشلار ئەسلىدىكى شەكىللىنىشىنىڭ تەقەززاسى ۋە تەلىپىنى ئۇنتۇماقتا. پۇرسەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلەر شەخسىي ئىستەكلەر ئاساسىدا پايدىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. مەلۇم بولدىكى، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش مۇددىئا قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار دۈشمەننىڭ كۈچ ۋە ھىيلە - نەيرەڭ ئاساسىدا تىكلىگەن ئوب... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | مەلۇم بىر ئەمەلىي ھەرىكەت، ياكى يېڭىچە بىر قەدەم قاچانكى دۈشمەننىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرسا، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزىگە قارشى چىقىۋاتقانلارنىڭ ئامال بار سۈكۈت قىلىپ بېرىشىنى ئىستەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە، دېمەك بۇ دۈشمەندىكى مەغلۇبىيەت قورقۇنچىدىن كېلىۋاتقان ئەنسىز تېپىرلاشلارنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق چاغدا ھە دېگەندە مىللەت ئۈچۈن ... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | ئەمما كۆرمەكتىمىزكى، ۋەتەننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى، مىللەتنىڭ خارلىقتىكى ھالىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان جاي، دەردىنى سوراپ قويىدىغان ئورۇن ئىزدەپ ھارمىغانلار، نەچچە مىڭلاپ ئاۋامنى ھۇرراغا ئاتلاندۇرۇپ قوزغىيالىغان بىر تالاي تەشكىلات، بىرلىك، دەرنەك ۋەھاكازالارنىڭ كۆپ سانلىقى بۈگۈنكىدەك كۈچ ۋە ھەمدەملىكنى بىر نۇقتىغا ي... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | دۈشمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جىمى جاھان ئەھلى كۆتۈرۈلۈۋاتقان داد - پەريادلارغا قۇلاق يوپۇرۇۋالغان زامانلاردا، يەنە كېلىپ دۈشمەنگە قارشى زەربىنىڭ ئېنېرگىيە كۈچى بولغان ئادەم كۈچى، ئىقتىسادىي ۋە تەشۋىقات كۈچلىرىنى ئايىماي سەرپ قىلغان، دۈشمەننىڭ دېرىزە ئارقىسىدىكى مەسخىرىلىك قاراشلىرىغا قارشى ئەڭ ئەمەلىي ئىنكاسنىڭ دۈش... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | بۈگۈن دۈشمەننى بىئارام قىلالايدىغان ئەمەلىي قوللاش ۋە ھەمدەملەشكەن ھالدا مەسىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتقاندا، «ئۆلىما» ئاتىقى كەيگەن توپنىڭ «چەمبەرچەس سېلىنغان بىنادەك بىر گەۋدە ھالدا شەرتسىز ئاللاھ يولىدا ئاتلىنىشنىڭ ئاللاھقا سۆيۈملۈك ئەمەل ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئەسكە ئالغان ھالدا قوللاش ئىپادىسى بە... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | شۇنداقلا بىز يەنە دەۋانىڭ سىستېمىلىشىشىنى ۋە بىر گەۋدە ھالىتىدە پەرقلىق تەرەپتىن ئورتاق ئاۋازدا قارشى ھەرىكەتنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، سىستېمىلىشىش چاقىرىقلىرىدىن ئەندىكىدىغان، ئەمما ئاتاقتىكى تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدا ھەممە بىر ئوبدان بىرلىشىپ قانداقتۇر مىللەتكە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ ھارمايدىغان ئاتالمىش بىرلى... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | ئۈچىنچى ئېھتىماللىق بولسا، كوللېكتىپ زېھنىيەت چىرىشكە مۇپتىلا بولغانلىقى. پاسسىپلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە قارىتا يۇقىرىقى ئېھتىماللىقلارنىڭ قايسىسى سەۋەب بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر؛ بۈگۈنكىدەك مىللەتنىڭ تەسۋىرلەشكە سۆز ئىجاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى خارلىق ۋە زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشىغا مىڭدە بىر يولى بولۇپ، ئ... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | قانداقلا پۇرسەت ياكى ئىمكانىيەت مەۋجۇت تەشكىلىي گۇرۇپپىلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ قولىدا ئەمەلگە ئاشقان بولسۇن، بۇنداق بىر ھەرىكەتتە پۈتۈن تەرەپلەرنىڭ دولقۇن مىسالى يوپۇرۇلۇپ كېلىشى زۆرۈر. شۇنداقلا مەزكۇر پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى قوللاش ھەرىكىتى ماھىيەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئادىمىيلىك سىناق تېشىدۇر. چۈنكى، بۇنداق بىر ئەقەل... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | زار - زار قاقشاشلارغا، داد - پەريادلارغا بىرىلىرى ئىگە چىقىپ باقماقچى بولۇۋاتقان، ئەزر - شىكايەتلەرنى ئاقتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقاندا، يەنە كېلىپ پارتىيەسى، دەرنىكى ۋە تەشكىلىي تەۋەلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئورتاق ھەمدەم كۈچى شەكىللىنىشى تەقەززا بولۇۋاتقان بۇنداق پەيتلەردە پاسسىپلارچە سۈكۈتلەر، ئەت... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق | ئۇيغۇرلۇق سايىسى ئاستىغا جەملەنگەن ئىنسانلار توپىدىن تەركىپ تاپقان ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ ئەزالىرى قاچان مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قەدەم ئالىدۇ؟ قايسى توپ ھەققانىي بولالايدۇ ۋە قايسىسى پاسسىپىلىقنى پەرقلىق ئۇسۇللاردا داۋام قىلىدۇ؟ بۇنى كۈنىمىز ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەجەبا تارىخ مۇشۇنداق چاغلارنى خ... | بۇرھان مۇھەممەد (Burhan Muhammed) | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | # چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى ھۆكۈمالاردىن بىرىگە «كىشىنىڭ ۋاپادارلىقى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە بۇنى نېمىگە ئاساسلىنىپ بىلگىلى بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى. ھۆكۈما جاۋاب بەردى: «ئۇنىڭ ۋەتىنىگە (يۇرت - ماكانلىرىغا) بولغان ئوتتەك سېغىنىشىدىن، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىغا قاراپ ئۆكۈنۈشىدىن بىلگىلى بولىدۇ». دەرۋەقە، كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەت... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ۋاپا بولسا سەمىمىيەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن كېلىدۇ. ۋەتەن مېھرى، قېرىنداشلىق رىشتى ۋە ئۇنىڭدا ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشلەر بولسا، ئۇشبۇ مەزگىلدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، كىشىنىڭ ئەس - خاتىرىسىنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدىكى سېغىنىشمۇ، سۆيۈشمۇ، ئەسلەشمۇ چىن بولىدۇ. ۋاپا خۇلقى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھىجران... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ۋاپا خۇسۇسىدا مەشھۇر ئالىم ئىبنى مۇفلىھ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىرىنىڭ: «ئەھدەمگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ياشىغاندىن چۆلدە سۇسىز قېلىپ ئۆلۈشنى ئەلا بىلىمەن» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. مانا بۇ ۋەھيى ئارقىلىق جاھالەت تامغىسى بېسىلغان بىر جەمئىيەتتىمۇ كىشىلەردە ۋاپا خۇلقىنىڭ بولغانلىقىنى، ھاي... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ئادىمىيلىك ئەخلاق مىزانىدا ئىنساننىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى شەرەپ، ئىززەت، ئۇلۇغۋارلىق، سۇباتلىق، ئىپپەت، ساداقەت، مەردلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە شىجائەت قاتارلىق بىر قاتار ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ھەيدەكچى ئامىلى. ئاتىنى ئەۋلادىغا، ئانىنى بالىغا، بالىنى ئائىلىگە، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە، مەھەللىنى راي... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ئوخشاشلا يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، چۈشكۈنلۈككە پاتقان ۋە پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر جەمئىيەت، بىر ئائىلە، بىر توپلۇم مەيدانغا كەلگىنىدە ئۇنىڭ جەۋھىرىدە ۋاپا خۇلقىنىڭ ھاياتىيلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولىدۇ. ۋاپا خۇلقىغا تويۇنمىغان جەمئىيەت ئۆلۈك جەمئىيەتتۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئومۇملاشمىغان، بىر-بىرىگە تار... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | بۇنى ئەڭ يارقىن ۋە سەمىمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ۋىجدانىي جاۋابكارلىقلارغا قارىتا رىياسىز ھالدا جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغان مەيدان ۋەتەن ھىجرانىغا مۇپتىلا بولغان زامان - ماكانلاردۇر. ناۋادا سىزدە تېپىرلاش توختىغان، ئۆزگە يۇرتنىڭ، ئۆزگە ئىقامەتگاھلارنىڭ قەغەز يۈزىدىكى «ۋەتەنداش» قىلغانلىق رەسمىيەتلىرى، خاتىرجەم... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ئەگەردە ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى ئارا راھەتلىك ئىزدەپ كېتىۋاتقان، ياكى جان ساقلاشتا ئۆتۈۋاتقان بۇ پەيتلەر سىزنى ۋەتەن سېغىنىشىدىن مەشغۇل قىلىۋاتقان، شۇنداق تۇرۇپ سىز بۇنىڭ پەرقىگە بارماستىن جاھاندارچىلىققا كىرىپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ۋەتەننىڭ زىيىنىغا قاراپ قەدەم بېسىۋاتقانلارنىڭ سېپى سىزنى جەلپ قىلىپ كەتكەن، خى... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ۋەتەندىكى ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقى، ئانا تۇپراقتا ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىىز كەچمىشلەرنىڭ سىزنىڭ پىنھان دەقىقىلىرىڭىزدە يۈرەك تارىڭىزنى چەكمەس بولۇپ قېلىشى، نېمە ئۈچۈن قايتالماس پالاندى - قوغلاندىغا، سۈرگۈندىگە ئايلىنىشقا مەجبۇر قالغانلىقنىڭ ۋاپا تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرەلمەيۋاتقانلىقى، يۇرت - ماكان... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | بولۇپمۇ، رىۋايەتلەردىكى ئايلىق باسىدىغان مۇساپىلەرنى سائەت ۋە دەقىقىلەرگە سىغدۇرىدىغان تىلسىملار يېشىلگەن، رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان بىر زاماندا تۇرۇپ سىز بىلەن ۋەتەن ئارىسىغا ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سىرلىرى سىزنى قىزىقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىشى، يار ۋە قېرىنداشلىقلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئەسلەشكىمۇ ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدىغان ك... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | ئۇنى تاجاۋۇزچىغا يەم قىلماسلىقنى، قەدىر - قىممىتىنى دەپسەندە قىلغۇچىغا يول قويماسلىقنى، بىزنى ئۇندىن ئايرىشقا، ئۇنى بىزدىن ياتلاشتۇرۇشقا، بىزنى ئۇنىڭ باغرىدا ھۆر ياشىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تۇتۇنغۇچىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ۋەتەن ئەھدىسىدۇر، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بۇرچتۇر، ساداقەتتۇر، ئەركەكلىكتۇر. ئەھ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى | تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەھشەتلىك دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بارلىقىنى ئاتىغان، ۋاپادارلىق شۇئۇرى ئۆلمىگەن سادىق قوشۇننى ساقلاپ تۇرماقتا. بولمىدى دېگەندە دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنىڭ رىتىمىنى بولسىمۇ ئاستىلىتىشقا يارايدىغان، بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، خەتەرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتۇشىنى، بۇنىڭدىنمۇ ئ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | # چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت **(1)** كىرىزىس ۋە چارە ھەر ۋاقىت سەۋەب - نەتىجە مىسالى بىرى يەنە بىرىگە مۇقەددىمە بولۇپ كېلىدىغان، بىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىككىنچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىجتىمائىي تەرتىپلەردۇر. بۇ خۇددى ئىنسان تېنىنىڭ نورمال قانۇنىيىتىنى، ساغلاملىق فۇنكسىيەسىنى بۇزغۇچى مىكروبلارنى... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | بار بولغان ئىچكى قۇۋۋەت مىكروبلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تالاپەتلىرىگە قارشى تاشقى ھەمدەمچىسىز ھەمدە قۇۋۋەت ۋە غىزالارسىزمۇ تاقابىل تۇرۇپ كېتەلەيدۇ. شۇنداقلا بىر ياندىن تاقابىل تۇرسا، يەنە بىر ياندىن مەزكۇر ھۇجۇمچى مىكروبلارغا قارشى كۈچ سېپىلى، بىخەتەرلىك تېمى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە بۇ سېپىل ۋە كۈچ زاپىسى... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئەگەر جەمئىيەت ۋە مىللەت دېيىلىۋاتقان بۇ «كوللېكتىپلاشقان ئىنسان»نىڭ ئىچكى ھۈجەيرىلىرى بولمىش دىن، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئەنئەنىلىرى نورمال فۇنكسىيەسىدىن چىقىپ كەتكەن، ھەرىكەتچانلىقىنى يوقىتىپ يېڭىلىنىش روھى چىرىگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان، ئىچىدىن خورىغان، تاشقى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى يوقاتقان،... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئىچىدىن بىتابلىق چىرمىۋالغان تەننىڭ ئورنىدىن دەس تۇرالىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، زېھنىيەت ۋە روھىيىتى بىتابلىققا پاتقان جەمئىيەت ياكى خەلق توپىنىڭ بىر بىنا، بىر تەن مىسالى ئۇيۇشالىشى، قەد كۆتۈرەلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئىچكى يىمىرىلىشقا دۇچ كەلگەن بىر قەۋمنىڭ بىتاپلىقىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ يېقىلغان يېرىدىن تۇرالىشى، ئۆز ھالىدىن ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ھەمدە بۇنداق ئۇيقۇنى تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، ياكى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ياكى سەگىتىش قاتارلىق مۇئەييەن ئۇسۇللار بىلەن ئۇيقۇغا قارشى چارە قوللىنىش، ئويغىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. لېكىن ئۇخلىغان بولۇۋالغاننىچۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇنىڭ بۇ ساختا ئۇيقۇسى ئۇيقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى تەبىئىي ياكى سۈنئىي ئامىللارنىڭ ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | يۇقىرىقى مېتافورادىكى «ئۇخلىغان كىشى»نى غەپلەت باسقان، كېلىۋاتقان خەتەردىن غاپىل قالغان، شۇنداقلا ئەتراپىدا بولۇۋاتقان پاجىئەلەرنى، باشقا كەلگەن ياكى كەلگۈسى كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خېيىم - خەتەرلەرنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. «ئۇخلىغان بولۇۋالغان كىشى»گە كەلسەك، ئۇ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋا... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | قوماندان (ئەقىل) غەپلەتتىن سەگىپ قوشۇن (ۋۇجۇد)نىڭ تىزگىنىنى دەرھال تارتىدۇ، دە، غاپىل ھالدا دۈشمەن توزىقىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئامان قالىدۇ. مەشھۇر شائىر، شۇنداقلا ئىستېداتلىق يازغۇچى ھەمدە ئوبزورچى ئەمجەد ئىسلام ئەمجەد تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «مىراسخور» ھېكايىسىدىكى ئەسمەتخان ئوبرازىغا كەلسەك، ئۇ تىپىك شالغۇت زېھنىيەت ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئۇ ئەنە شۇنداق زېھنىي ئاسارەتكە پاتقان ئائىلە مۇھىتىدا يېتىشكەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ھەر ۋاقىت مۇستەملىكىچىنىڭ تەبىقىچىلىك ئىدىيەسى بىلەن تارازىلايدۇ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىمۇ مۇستەملىكچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۆلچەپ ماڭىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە جان تىكىپ خىزمەت قىلىشى سايىسىدە ئېر... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئۇنىڭ «قورۇقى» ئەنە شۇ تەقسىملەپ بېرىلگەن مىراسلاردىن بولۇپ، قۇرۇقتىن باشقا جايلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يات ماكان. شۇڭا ئۇ ھە دېگەندە شەھەرنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. چۈنكى قورۇقنىڭ سىرتى ئۇنىڭ ئىلىكىدە ئەمەس، قورۇقنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭغا قۇللۇقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاجىزلار، ئىنگلىزلاردىن تەۋەررۈك قالغان ئاتا مىراس باي -... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئۇنىڭدەكلەرنى ئارىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشنى، زورلۇق ئىشلىتىپ قورۇقتىن ھەيدەپ چىقىرىشنى پىلانلايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «قورۇق»تا يىلتىز تارتىپ كەتكەن مۇستەبىت سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان، ئاقارتىش ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق بىرىنى ئۆزىگە تەھدىت قاراپ ئۇنى قورۇقتا تۇرغۇزماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە «قورۇق» ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئىككىدە بىر ئۆز ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىسىنى مۇستەملىكىچىنىڭ دەۋرىدىكى كۈنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆز دۆلىتىنى سۆكۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا ئۇ دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئىسلاھاتلىرىغىمۇ قەتئىي ھالدا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەب ئۇ مۇستەملىكىچىگە بارلىقىنى تەسلىم قىلىپ تۇرۇپ ئېرىشكەن سىمۋوللۇق... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئاخىرى بېرىپ كۈچ، نوپۇز ۋە بايلىقلىرىنى ۋەتىنىنى گۈللەندۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مۈستەملىكىچىدىن قالغان ئاتالمىش «مىراس»قا، يەنى «قورۇق»قا ئىگە چىقىش يولىدا ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نەزىرىدە ئۇنىڭ سايىسىدە بار بولغاچ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن يوق بولۇشنى تاللايدۇ. ئۇنىڭ قورۇقنىڭ قولدىن كېتىش ئەندىش... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | مانا بۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى، كۈچى ۋە غالىبىيىتىنى ياراتقۇچىسىدىن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەل - ۋەتىنىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، كۆرسەتكەن خالىس مېھنەتلىرىدىن ئالماستىن، مۇستەملىكىچىسىدىن، ئۇنىڭ سايىسىدە ئېرىشكەن نوپۇز، كۈچ ۋە مۈلۈكتىن ئالغان، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئۆز بارلىقىغا باغلىغان، ئۇنىڭ سايىسىدە ئېرىشكەن تەقسىماتنى قاماللاپ بېسىپ يېتىشنى... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | يەكۈن ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ ۋەتىنى ئۈچۈن پىداكارلىق قىلغۇچى، كۈچ چىقارغۇچى بولۇپ ئەمەس، بەلكى باشتىن ئاخىر مۇستەملىكچىلەرنىڭ بۆلۈپ بەرگەنلىرىگە، ياكى ئۇلارنىڭ سايىسىدە قولغا كەلگەن ئىمتىياز ۋە «سەلتەنەت»كە ۋارىسلىق قىلغۇچى، قورۇقتىكىلەرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن سۆمۈرۈلمەستىن مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشىنى، ھۆكۈمرانلىقىدىن ب... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | **(3)** مانا بۇ مۇلاھىزىلەر بىزگە، مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۇخلىغاندىن كېيىنكى ئويغىنىشتىن بولۇۋاتامدۇ، ياكى ئۇخلىغان بولۇۋېلىشتىن ۋەياكى ئۆزىنى ئويغاق چاغلاشتىن كېلىپ چىقىۋاتامدۇ، دېگەنلەر ئۈستىدە سوئال قويۇش كېرەكلىكىگە، مەسىلىمىزنىڭ سىرتقى ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | لېكىن رېئاللىقىمىز كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى بىز ھېلىھەم ئىچكى ئىممۇنىتېتىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىش دەيدىغان بىر دەردىمىزنىڭ ھېچ بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تەرزدە، شۇنداقلا ئورتاق مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە جۇغراپىيە مەنسۇبلىرى بولۇشىمىزغا قارىماي بۇ قەدەر چۇۋالچاقلىقلارغا پېتىپ ياشىشىمىزنىڭ بىنورماللىق ئىك... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | بولۇپمۇ مىللىي دەۋانىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسىدە جىددىي مەنىدە رېلىس قىيىش يۈز بېرىشى، قىلىنىۋاتقان پائالىيەت ۋە خىزمەتلەرنىڭ بىر بولسا كېلىۋاتقان ئىمتىياز ۋە مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى، يەنە بىر بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئاممىنىڭ، كېلىۋاتقان ئىنكاس ياكى نارازىلىقلارنىڭ ئۇلغايماسلىقى ئۈچۈنلا مىدىرلاۋاتقا... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | چەتئەللەردە مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم «شامال مۇئەككەللىرى»نىڭ زامان - زامان دىققەت بۇراش تىپىدىكى سۈنئىي كۈن تەرتىپلىرى يەتمىگەندەك، ۋەتەن ۋە مىللەت دەۋاسىنىڭ ۋەتەننى مەركەز قىلىشتىن يىراقلىشىپ ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ مۈشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت نۇقتىسى قىلىنىۋاتقانلىقى، دىنى بىلەن سامىنى ئېنىق بولغان ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | بۇندىن باشقا ئاتالمىش «بىرلىك»چىلىك شوئارلىرى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان دەۋاغا خىيانەت خاراكتېرلىك ئىشلارغا قارىتا (قىسمەن قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سىرتىدا) كۆپچىلىك «قورۇق»چىلارنىڭ تۇتۇملىرىنىڭ لايغەزەللەرچە تۈس ئالغانلىقى، بىر - بىرىنىڭ ئەخلىتىنى گىلەم ئاستىغا سۈپۈرۈپ بېرىشتە قول - قولچە ئۇيۇلتاشتەك ھەمكارلاشقۇچىلارغا، ئ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئەمما مەزلۇملارنىڭ، ئاسارەت ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىشىچۇ؟ ئەگەر جاۋابىمىز قەتئىي ھالدا «زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك، بارلىق ئەقلىي، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچنى تاجاۋۇزچىغا قارشى خىزمەت قىلدۇرۇپ مۇستەقىل بولۇش»قا ئۇرۇنۇش بولغىنىدا، بىز بۇ ئىشىمىزنى ھەقىقەتەن ئاڭلىق رەۋىشتە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىپ كېتىۋاتامدۇق، ياكى كۈن تەرتىپكە نېم... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | خۇددى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ «ھېسابقا تارتىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئالغايسىلەر» دەپ كۆرسەتكىنىدەك: ئەگەر بىز ئۆزىمىز ۋە ئىچ دۇنيايىمىز ھەققىدىكى ھېساب - كىتابىمىزنى جايىدا قىلىپ تۇرۇپ ئىچكى غەلدى - غەشلىرىمىزنى پاكىزلاپ، ئىچكى قۇۋۋەت زاپىسىمىنى كۈچەيتىشكە سەل قارىمىغان ئاساستا تاشقى دۈشمەنگە قارشى سىستېمىلىق قەدەم ئې... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | بۇ نۇقتىدىن غاپىللىقىمىزنىڭ ۋابالىنى دۈشمەننىڭ قولىدا تارتىشتىن ئاۋۋال غەپلەتنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك بولغىنىدەك، ئويغانغان سىياققا كىرىۋالغان «قورۇق»چىلىقنىڭ بۈگۈنكى زەيپانىلىكى ۋە كەلگۈسى پالاكەتلىرى ئۈستىدە جىددىي تەرزدە ئويلانمىقىمىز ھەمدە ھەقىقىي مەنىدە كەلگۈسىمىزگە قارىتىپ قويۇلغان پىستىرمىلارغا قارشى ئويغاقلىق ... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | بەزى تارىخچىلار قاراخاننىڭ ھىجرىيە 406 - يىلى تۈركىستان دىيارى بولمىش كاشغەردە ۋاپات بولغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە قاراخان شۇ يىلى بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالغانىدى. بەزى تۈرك قەبىلىلىرى ۋە قاراخىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆلەملىك چىن قوشۇنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كەلمەكچى بولدى. قاراخان ئۇلار... | بۇرھان مۇھەممەد | |
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت | ئۇنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسى ساھابىلەردىن سەئد ئىبنى مۇئاز ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە نەقەدەر ئوخشىغان - ھە! مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ (خەندەك غازىتى مەزگىلىدە) ئاللاھتىن ئۆزىنى تاكى بەنى قۇرەيزە غازىتىغا قاتناشقانغا قەدەر قەبزى روھ قىلماي تۇرۇشىنى تىلىگەن ئىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ جەڭدىكى يارىسى تاكى رەسۇلۇلل... | بۇرھان مۇھەممەد | |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | مەدەنىيەتلەرنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈپ كېتىشىدە بىر قاتار ئامىللار مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى ماھىيەتلىك ئامىل ئۇنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ئەمەس، بەلكى قىرغىنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغۇچى مەدەنىي ياتلىشىش ۋە ئىچكى ئاجىزلىقتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەتنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى تۈپ ئامىل ئۇنى ئىدارە قى... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | توينبىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، مەدەنىيەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىكى ماھىيەتلىك ئامىل نوقۇل سىياسىي قىرغىنچىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنى قۇرغان ۋە ياشاتقان مەنىۋى كۈچنى يوقىتىپ قويۇش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن مەدەنىيەتلەرنى يوق قىلىپ تاشلىغان ماھىيەتلىك سەۋەب نوقۇل مۇستەملىكە بولماستىن، بەلكى شۇ مەدەنىيەتكە تەۋەلەنگۈچىل... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | دەرۋەقە، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالغان چېغىمىزدا، تۇپراقلىرىمىزنى مۇستەملىكە قىلغان كۈچلەرنىڭ تۇپراق ۋە بايلىق تەمەسىدىن سىرت مۇستەملىكە تۈزۈمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش غەرىزىدە ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى بۈگۈنكى داۋالغۇشلۇق ھاياتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۈگۈن... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | مانا بۇ ياۋۇز ھەرىكەت بۈگۈن يېپىق تەلەتىنى پاش قىلىپ، قان تېمىپ تۇرىدىغان چىشىنى ئاشكارا قىلدى، ئاتالمىش «ئەبەدىي مۇقىملىقنى ساقلاش» شوئارى ئاستىدا يۈزىدىكى نىقابىنى پەقەت بىزلا كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە پۈتۈنلەي ئېچىپ تاشلىدى. ئارنولد تويىنبى تارىختا ئۆتكەن ۋە زامانىمىزغا قەدەر ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان چوڭ مەدەنىيەتلە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | بىر مەدەنىيەتنى بوھراندىن ساقلاپ قېلىش، ئۇنى ئاجىز ۋە يىمىرىلىش باسقۇچىدىن قايتا بەرپا قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ يولى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش، ئومۇرتقا ئاساسىدا گەۋدىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ پىكىرگە ئاساسەن دىننى مەدەنىيەتنىڭ پۈكۈلگەن بېلىنى تۈزلەيدىغان ئومۇرتقىسى، مۇنقەرزلىك ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | مىللەتلەر دۇچ كەلگەن ئېغىر كىرىزىسلار مەدەنىيەتلەرنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرگىنىدەك، ئۇنىڭ ئاجىز ھالىتىدىن قوزغىتىش، ئاكتىپلاش رولىغىمۇ ئىگە. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىسيان نەزەرىيەسى»دە، مەدەنىيەتنىڭ سىلكىنىشى ۋە تىرىلىشىدىكى ئامىللاردىن بىرى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنى مەۋقە قىلغان قارشى ئىنكاس، ئەكسىچە يول تۇتۇش ۋە جەڭ ئې... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | پەيلاسوپ چارلىز فرانكىل (Charles Frankel) تويىنبىنىڭ مەزكۇر نەزەرىيەسىگە بەرگەن ئىزاھاتىدا شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتكە يۈزلەنگەن كىرىزىس ئاستا خاراكتېرلىك بولغاندا، بۇ شۇ مىللەتنى غىدىقلىماستىن ئۇيقۇغا غەرق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ كىرىزىس ئەجەللىك تۈسىنى ئالسا، بۇ ئەكس تەسىر بېرىشى، ئۇيقۇغا چۆمدۈرۈشتىن بەكرەك مىللەتنى ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى بىر مەدەنىيەت ياراتقان، مەدەنىيىتىمىزنى ياشىغان ۋە ئۇنى ياشناتقان بىر مىللەت دەپ قارىغان بولساق، ئېنىقكى بۇ مەدەنىيەتكە روھ بەرگەن، ئۇنىڭغا مەنە ۋە غايە ئاتا قىلغان بىر دىننى ھايات مىزانى قىلغان ۋە بىزگە قەدەر يېتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان بىر ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىمىزگە قىل سىغمايدۇ. ئەپس... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئەسلىمىزنى ئىزدەش، ئۆزىمىزنى تېپىش، كىملىكىمىزنى قۇرۇش ۋە زېھنىيىتىمىزنى ساپلاشتۇرۇش كويىغا تەلەپكە لايىق كىرىشەلمەيۋاتقىنىمىزنى ئاز دەپ ئاشۇ كۆنۈكۈپ كەتكەن، بىزنى ئىختىيارسىز رام قىلىۋالىدىغان شالغۇت ئىدىيە تارقاتقۇچىلارنىڭ مېھىرىدىن كېچەلمەيۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىمى بۈگۈنكى زۇلۇمغا، خورلۇققا، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلى... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | مەزكۇر توسالغۇلار شۇ قەدەر ئوچۇق ۋە خاراكتېرى ئېنىق تۇرسىمۇ، سەگەكلىكىمىزنى ئاشۇرماسلىقىمىز، مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىن بەكرەك كۆرۈنۈشىگە، ماھىيىتىدىن بەكرەك شاكىلىغا قاراپ بەس - بەستە قاينام تاشقىن پەيدا قىلىپ كېتىشلىرىمىز، ئالىم ئاتىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىرىمىزدىن ۋائىزلىرىمىزغىچە، سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئوقۇغۇچى، تالىپقىچ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | بولۇپمۇ مەدەنىيەتنىڭ شاكىلىغا چاپلىشىپ جەۋھىرىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان، سىياسىي قۇرۇلمىلارنىڭ دوگمىلاشقان ۋە روبوتلاشقان ھالىتىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭدىكى ئېلاستىكىلىق ۋە پىششىقلاشقا بولىدىغان تەرەپلىرىگە رادىكال تۈستە كۆز يۇمۇۋالىدىغان ھالەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئۈستىلەپ بۇ ئاز كەلگەندەك، يەنە بىر تۈركۈم ئاغما مىللەتچىلىكنى باز... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | بۈگۈننىڭ مەسىلىسىمۇ سىياسىي ئاكتىپچانلىقنى بوشاشتۇرمىغان ئاساستا بىلىمدە، ئىلىمدە، ئەخلاقتا ئۆزىدىن باشلاپ يېڭىلاش، تەربىيەلەش، ئەسلىنى تېپىش، روھنى، ئېتىقادنى، غايىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىياسىي پەردىنى نىقاب قىلىۋېلىپ ئېتىقادنى، ئەخلاقنى، ئىپپەتنى نىقاب قىلغانلارنى سۆكۈش، مەدەنىيەت ۋە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئەگەردە مىللەت بۈگۈننىڭ زۇلمىتىدىن «ئىسيانى» بىلەن ئويغىنىشقا باشلىغان بولسا، تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ ئويۇننىڭ ئۇسۇلىنى ئەمەس پەدىگە يۆتكەپ ئويناپ بېقىشنىڭ، سىياسىي سەھنىدىكى ئىمتىيازلارنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ قىممەت قاراشلارنى زىدىلەيدىغان ئىمپورت ئىدىيەلەرنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ بېقىشنىڭ، دوگمىلىشىپ كەتكەن سىياسەت پەلسەپەچىلى... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ھەر تۈرلۈك ئىدىيەۋى ياكى سىياسىي قۇرۇلمىلارنى ئۆزگە مەدەنىيەت ئەربابلىرى قانداق ئىشلەپ چىقىرىپ بەرگەن بولسا شۇنى تۇتىيا بىلىپ ئۆز پېتى ئېلىپ كىرىشمۇ، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش كويىدا بولۇشمۇ بىر تۈرلۈك شالغۇتلىشىشتۇر. چۈنكى، مىللەتنىڭ تارىخىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى ئۈستىدە توغرا مەنبەلىك ئىزدىنىشكە مۇيەسسەر بولۇش ۋە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئەسلىتىشكە ئەرزىيدۇكى، مىللەتنىڭ ئەقىدە تەۋەلىكىمۇ، شەرىئەت تەۋەلىكىمۇ، مىللىي مەنسۇبىيىتىمۇ، مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە ئومۇمىيلىقىمۇ، دىنىي تەۋەلىكىمۇ ئېنىق ۋە كونكرېت. ئىزدەنگۈچى ئۈچۈن بۇ ئۇنچىلىك مەۋھۇم، تۇتۇق، چۈشىنىكسىز ياكى بۈگۈن ئۈچۈن يارامسىز نەرسە ئەمەس. بۇنداق ئىكەن، ئىمپورت قۇرۇلمىلارنى ئەكىرىشتىكى تۇتۇممۇ خەقنىڭ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | بۇ ۋەجىدىن ھېلىھەم ئۆزىمىزنى قېزىپ چىقىش، توغرا مەنبەدىن چۈشىنىشكە ۋە توغرا ئۇسلۇبتا تونۇشقا، تونۇشتۇرۇشقا، تەربىيەلىنىشكە ۋە تەربىيەلەشكە ئېھتىياجىمىز بارلىقىنى، ئون نەچچە ئەسىرلىك مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخىمىزنى ئەللامىلىك دەرىجىسىدە بىلىپ يېتىپ بولالمىغانلىقىمىزنى، رەت قىلىش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم نەزەرىيە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئاقىرىشتا گويا ئاققۇشتەك، قارشى تەرەپنى بولسا قازاننىڭ قاپقارا كۆيۈكى ئورنىدا كۆرۈۋېلىشتەك تۇتۇملىرىمىزنى، روھىيىتىمىزدىن سۆكۈپ چىقىرىشقا بولىدىغان بەزىبىر ئېگولىرىمىزغا ھاي بېرىشنى بىلىشىمىز، ئاڭلاش ياكى ئاڭلىتىشتا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ھەر زامان بىر - بىرىدىن پەرقلىق بولغان ئىلغار پىكىرلە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئىسىم جېدىلىگە ئەمەس، مەزمۇنغا دىققەت قىلىش، غايە ئوخشاش بولغاندا ۋاسىتىدىكى پەرقلەرگە مەلۇم دەرىجىدە يول قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، مەزمۇن بۇزۇلغان، ماھىيەت پۇچەكلەشكەندە بولسا، ئىسىم ياكى شەكىلنىڭ قانچە ئۇلۇغۋار ياكى قانچىكى زامانىۋى بولۇپ كېتىشىدىن، نە قەدەر داغدۇغىلىق بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر مەسىلە ھەل قىلماستىن ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | بۈگۈنكى مەزمۇن بۇزۇقلۇقتىن، ساغلام ۋە سۈپەتلىك دىيالوگ بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان قارشىلىشىشلارنىڭ كەلگۈسىدە تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنىڭ قۇچىقىغا سەكرەشكە مەجبۇر قىلىدىغان، ئاتاقتا مۇستەقىل، ئەمما مەزمۇندا قانداقتۇر ئارقىسىدا رېپىرىلىق قىلغۇچى تاشقى كۈچلەرنىڭ زېھنىيىتى بولۇشتەك قىسمەتكە قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى،... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئازەردەك ئۆزى ياساپ چوقۇنغۇچى ماتېرىيالىزم قۇللىرى بولۇشمۇ، ياكى ساماۋى ۋەھيىنى مەۋجۇتلۇق ۋە سائادەت يولى ئۈچۈن نۇرانە چىراغ قىلغان، تەپەككۇرانە ئەقلىيىتى بىلەن تەڭرىنىڭ دوستىغا، خەلىلۇللاسىغا ئايلانغان ئىبراھىمغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەجدادىمىز مەپكۇرىسىدىكى ھەقىقەتپەرۋەرلىكنىڭ يولى بولمىش «ئىبراھىم مىللىتى»نىڭ، ھەقىقە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | شۇندىلا ئىلمىي شەكىلدە قارشى پىكىر قىلغۇچى بىلەن جاھالىتىنى بازارغا سالغۇچىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشمۇ، جاھالىتىنى بازارغا سالغۇچىلارنىڭ مۇخاتەب ئوبيېكتىمىز ئەمەس، بەلكى پىكرىنى ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى قۇرۇلمىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلارنىڭ مۇخاتەب ئوبيېكتىمىز ئىكەنلىكىنى ۋە شۇلارنى مەركەز قىلىپ ئاقارتىش ياكى چۈشىنىش... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | شۇنداقلا ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلمىغان ئاساستا سىستېمىلىق شەكىلدە ئىزاھلاش بولۇشى؛ ئاسماننى قاسقان قىلىپ كۆرسىتىش شەكلىدە ئەمەس، ئۆزىمىزمۇ نېمىنىڭ خېرىدارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇقۇپ سۆزلەۋاتقان بىرى سۈپىتىدە چۈشەندۈرگۈچى بولۇشى، مۇھىمى ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ كاللىسىغا ئويدۇرۇپ قېلىپقا سالغۇچى شەيتانىي كاللىدىكى ئەمەس... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟ | ئىبرەت ئالغۇچى بولامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق، يەنىلا ئېگومىزنىڭ تىزگىنىنى ئىستىگەن چېغىدا بۇزۇشقا قادىر ئىنسابىمىز، سېرىق كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالتۇن ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرالايدىغان ئىدراكچان ئەقلىمىز ۋە ھەقىقەتسۆيەرلىكنى خىسلەت قىلغان ئەخلاقىي تۇتۇمىمىز بىر نەرسە دېسۇن! قىسقىسى، ھەر تەرەپ پەيغەمبەرچە ك... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئۆلىمالىق قانداقتۇر ساقالنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ سۈنئىي ئېتىبار قازىنىش بىلەن بولمايدۇ. ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار ئىدى. ھالبۇكى ئەبۇ جەھىل ئىبنى مەسئۇدتىن ھەم ياشقا چوڭ، ھەم نوپۇزى ئۈستۈن، ھەمدە ئۆز قوۋمى ۋە سەپداشلىرى تەرىپىدىن «ئەبۇلھەكەم (دانىش ئاتا)» دەپ ئاتىلاتتى، ئۆز قوۋمى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى ئ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ساقالنى كىشىگە ياراشتۇرغىنى يۇڭغا كۆمۈلۈپ ياتقان ئادەم سۈرەتلىك چىراي - تۇرۇق ئەمەس، بەلكى كاللىغا جەملىگەن بىلگە، ئۇچۇرلاردىن ئىنشا بولغان بىلىم ۋە پاراسەتتۇر. بۇ ئىككىسىنى جەملىيەلمىگەن ساقاللىق كاللىنىڭ كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن جىق پەرقى يوق. بۇ ئىككىسىنى جەملىمەستىن دېيىلىۋاتقان نەرسىلەر سېنىڭ ئاڭلىق ئەقلىيىت... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئۆزىنى ئەقىللىق، ئۆزگىنى بولسا دۆت چاغلاپ تۇرۇپ ھۆكۈمۋازلىق قىلىش، تەنقىدىي پىكىرنى ئۆز لايىقىدا بېرىش ئورنىغا تەلۋىلەرچە يۈكلىنىش، گويا ئۆزىنى مىللەت سايلىغان شەرئىي ۋەكىل چاغلاپ كۆرەڭلەش زامان مودىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ بىر توپ ئەبجەش ئوقۇمۇشلۇقلاردا دەرۋەقە تەڭشەك بۇزۇقلۇقى، شەيتان توپىدەك سەكرەپ توختىيالماسلىق، ھە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئىشنىڭ كومېدىيەلىك قىسمى بولسا، دىنغا ئادۋوكات سايلىنىۋالغانلارنىڭ قالتىس مىللەتچى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇقۇشماستىن ئىرقچىغا ئايلىنىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەسلىكى، ئاتالمىش مىللەتچىنىڭ بولسا، ھاياتىغا قىلچە رولى بولۇشىنى خالىمايدىغان دىنغا گويا ئىككىدە بىر ئاللاھ ۋە رەسۇلىمىز، دەپ قويۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ دىنىغا ساھىب چىقىۋاتقاندەك... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | سەن پۈچەك ئىلىمدارلىققا مەست بولۇپ يۈرۈۋاتقىنىڭدا، ئاتىدىن بالىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس ھالىتىدە كەلگەن ساغلام روھ، ساغلام زېھىن ۋە ساغلام ئاڭ يېتىشتۈرۈشكە ساق تۇرغان، قانچە كۆپ ئۇچۇر ۋە خىلمۇخىل تەشۋىقات ۋە مەلۇماتلار بىلەن ئۇچراشقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ساغلام بولغىنىنى قوبۇل قىلىشقا، ھەمدە ئۇنى ئەڭ ياخشى شەكىلد... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | نە ئاجايىپكى، سەن شۇنداق تۇرۇپ يەنە پېتىڭدىن چۈشمەيسەن، «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى» دېگەن پەدىدە گەدەنكەشلىكىڭنى داۋاملاشتۇرماقچى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قۇلاق يوپۇرۇۋېلىش بىلەن ئىلىمدارلىق تونىدا سادىر قىلىپ كەلگەن ساپاسىزلىقلىرىڭ، تومپايلىقىڭ ۋە سەتچىلىكلىرىڭنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولىسەن. ۋەھالەنكى سەن ئۇنتۇساڭمۇ، ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئويلاپ قالماكى، ئۇلار سەن ئۈچۈن نومۇس قىلىدۇ. ياق، ئۇلار سەن ئۈچۈن سەندىن نومۇس قىلىدۇ. سېنىڭ قېتىملاپ قىلىپ كەلگەن ۋە قىلىۋاتقان دۆتلۈكلىرىڭ، سەتچىلىكىڭلىرىڭگە مۇقەددەس دىننى سۆرەپ يۈرگەنلىكىڭدىن، شۆھرەتپەرەسلىكىڭ ۋە جاھالىتىڭنى قۇرئان - سۈننەتكە ئوراپ سازايە قىلىۋاتقىنىڭدىن، ئىلىم ۋە ئالىم ئوبرازىنى پەش قىلىپ ھەر مەج... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | يازمىنى قەلەمگە ئېلىشتا ئاتالغۇغا دائىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، ئۆز دەۋرىدىن تارتىپ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە نېمە قانداق بولغان ۋە قانداق بولۇپ بۈگۈنگە كەلگەنلىككە دائىر پۈتۈن تەرەپلەرنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ، يەنە سىز ماڭا ئۇزۇندىن - ئۇزۇندىن تەرىپلەپ ھارمايۋاتقان داموللىڭىزنىڭ تا مەدرىسەدە ئۇستازىدىن ئۇقۇشماي قارغىش ئېلىپ ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | خىتاي شەھەرلىرىدە ئەلى ئەكبەر قارىم، چەتەلگە چىققاندا ئەلى ئەكبەر ھاجىملىقى مەشھۇر بولۇپ، ئەلى ئەكبەر ھاجىمنى ئەلى ئەكبەر داموللامغا ئۆزگەرتكىنى تۈركىيەدىكى بەزى Show تۈسىدىكى پائالىيەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تونۇشتۇرۇشلاردا ئومۇملاشقان چاقىرىشلار دېسەك بەكرەك ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. «خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» ئاتىقىمۇ كۆرۈنۈشت... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | شۇڭا، پوقى بىلەن بۇلمىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ گەپ تۇتتۇرۇشقا زورۇقمىغان تۈزۈك. سىزگە ئەستايىدىل يېزىشىم مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە چۈشىنىشمەسلىك نۇقتىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق ۋە بىھۇدە خاتا تونۇش كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. بىراق سىزنىڭ مېنىڭ بۇ ئۇزۇن ھېكايىلەرنى نەزەردىن چىقارمىغان ئاساستا تەنقىد ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمنى ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | سىز چىقىپ «داموللام»نى تەنقىد قىلدى دەپ قىل ئىلغاپ گەپنى ساقالدىن ماقالغا چېتىشتۈرۈپ گەپ ئاچتىڭىز. مەن دادىل ھالدا داموللىڭىزغا تەنقىدىم ھەق بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قايسى نۇقتىدىن ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتۈم. «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ، دېگەندەك، ئۆلىما كۆرمەي چوڭ بولغان يەسلى سەۋىيەدىكى تالىپقا ئوخشاش... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | Show مېدىيانىڭ كۈچىگە ئەگىشىپ بىرىگە ئۇقۇشماي «مىللەتنىڭ ئۆلىماسى» قالپىقىنى كەيگۈزۈۋېتىپ ئارقىدىن ئۇ داستىخاننى بۇلغىسىمۇ، پۇچەكلەشسىمۇ، ساپاسىزلىقىنى سازايە قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ تەنقىدلىمەي تۇرۇشقا ئۈندەش، شەخسنى تەنقىد تارازىسىغا ئېلىشنى «مىللەت ئۆلىماسى»غا ھۇجۇم قىلىشقا تەڭ قىلىپ مۇئامىلە قىلىش ئۇچىغا چىققان ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | چۈنكى شەخسىيەتكە ھۇجۇم دېمەك ئۇنىڭ چىقىلىشقا بولمايدىغان كىشىلىكىنى بىھۇدە يەرگە ئۇرۇش، ئۇنىڭغا قارىسىغا تىل تەگكۈزۈپ ھاقارەت قىلىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، بۇزۇق شەخىسيەتنى بۇزۇق دېيىش، شەخسىيەتكە ھۇجۇم بولمايدۇ. ئىجتىمائىي توپلۇمدا ئىلىم ۋە ئۆلىمالىق ئاتىقىنى كىيىۋېلىپ جاھالەت ۋە ساپاسىزلىق، قۇتۇپلاشتۇرۇش ۋە قارىسىغا ئ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | خۇددى قۇرئان ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنى بىر قاتار ساپاسىز ۋە دۆتلۈكلىرىنى قوشۇپ تىلغا ئېلىۋىتىپ «ھارامدىن بولغان» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئۇنىڭ قېنى بۇزۇقلۇقىنى ۋە باشقا ئەخلاقىي تۇتۇملىرىدىكى ئىللەتلەرنى قامچىلىغان بولسا، ھەمدە بۇنداق قامچىلاش شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىش بولماستىن ئەكسىچە رېئاللىقتىكى بۇزۇق ئوبرازلارغا بىر نۇقتىدىن ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | بۇ تەشبىھمۇ چۈشىنىشكە ئۇنىمايۋاتقانلىقىڭىزغا قاراپ دېيىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ئەندىزە، مېتود جەھەتتىكى قىياسلاش خالاس. لېكىن بۇنىڭغىمۇ قاتمال كاللا بويىچە ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ جەھىلنى بەختىباي بىلەن ئەلى ئەكبەر «داموللام»غا ئوخشىتىۋالغاندەك مەسىلىنىڭ ئەمەس يەرلىرىنى زورلاپ چېتىشتۇرۇۋېلىشنىڭمۇ ئورنى يوق. كۆنۈكۈپ كەتكەن زېھنىي... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | گەپ سىياسىي ھەرىكەتلەردە بىرى بىر نەرسە دېسە، يەنە بىر موللامنىڭ ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈش مەسىلسىمۇ ئەمەس. مەسىلە رەددىيە ياكى ئىنكاس بىلدۈرۈشتىن چىقىپ قۇتۇپلاشتۇرۇش، شەخسكە سۆز قىلىۋېتىپ كېتىپ بېرىپ بىر مىللەتكە ئومۇم يۈزلۈك يۈكلىنىپ بۇنى ھەقىقەتتەك جار سېلىش ۋە بۇنى دىن قالپىقىغا سىغىنىپ تۇرۇپ پىروپاگاندا قىلىشتا. تارىخ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئاخىرىدا سىزگىمۇ ئوخشاشلا ئۆتكۈرلۈك، سەمىمىيەت ۋە تەرەپسىز ۋە ھېسسىيلىقتىن خالىي ئادىل مەۋقەلىك مۇستەقىل پىكىر مېتودىنىڭ ھەر ۋاقىت يار بولۇشىغا تىلەكداشمەن. ئامان بولۇڭ! Tawbikar Zumba ئەسسالامۇ — ئەلەيكۇم بۇرھان ئەپەندى ، ساھابە ئىبنى مەسئود رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەبۇ جەھىلنى تاشقى قىياپەتتە ئوخشىتىشىڭىز، ئىستانبولد... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | بىز مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالەتتە ساقال قويىمىز، ئەلى ئەكبەر داموللام ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ئۆلىماسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە چىرايلىق ساقال قويغان، سىزنىڭ داموللامنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىڭىز، ئۆلىماغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ، بەختىباي مۇتەللىپ ئوغلىنىڭ يېرىم سائەتل... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان Tawbikar Zumba 1- ساھابە ئىبنى مەسئود رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەبۇ جەھىلنى تاشقى قىياپەتتە ئوخشىتىشىڭىز، ئىستانبولدا ياشاۋاتقان ئەلى ئەكبەر داموللام بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا ياشاۋاتقان بەختىباي مۇتەللىپ ئوغلىنى، ئىلمى جەھەتتە ئوخشاتقىنىڭىز ئەقەللىي بىر مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇرھان: ۋە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | بۇرھان: بىرىنچىدىن، داموللام دېيىلىۋاتقان بىر دىندار شەخسىيەتنى تەنقىد قىلغانلىقىم راست. لېكىن داموللام سالاھىيىتى بارلىقى، ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئۆلىماسى دەيدىغان تەرىپكە سازاۋەرلىك ياكى ئەمەسلىك مەسىلىسىدە مەن سىزگە قوشۇلمايمەن. بۇ جەھەتتىن سىز داموللام دەپ بىلگەن كىشى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك تەرەپ تۇتۇشىڭىز نورمال. لېكىن مەن ئى... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | شۇندىلا تەنقىدكە قارىتا «مىللەتنىڭ دىنىي ئۆلىماسى»غا بىر نەرسە دېدىڭىز دەپ ئېسىلساق، بىرئاز ئورنى بولىدۇ. مىللەت دېگۈدەك سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن كۆپ سانلىق خەلق ھېلىھەم ۋەتەندە، ئېتىراپلىق زور سانلىق ئۆلىمالار بولسا ھەپىستە. ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ياكى جانلىق ئىلغار پىكىرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلمىي چوڭقۇرلۇقلىرىنى ئىپادىلىيەل... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋردە ۋەزخانلىقى ۋە كامېرادىكى ساپاسىز چۇۋالچاق زۇۋاندارلىقلارغا قاراپ بىرىلىرىنى «مىللەت ئۆلىماسى» دەپ قوبۇللىنىش ئىلىم ۋە ئۆلىما ئۇقۇمىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك. ھەتتا بۇنداق تۇتۇملارنىڭ ئومۇملىشىشى نەچچە ئەسىرلىك ئىلىم ۋە ئۆلىما ئەنئەنىسىگە ساھىب بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا، ئىلمىي ۋە پە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ئەگەر بىراۋ سىزنىڭ چىرايلىق، ياراشتۇرۇپ قويۇۋالغان بۇرۇتىڭىزنى چاشقاننىڭ بۇرتىغا ئوخشايدىكەن، ياكى دىنسىز لېنىن، سىتالىننىڭ، گېتلىرنىڭ بۇرۇتىغا ئوخشىتىپ تەڭ ئورۇنغا قويسا مەنتىقىگە ئويغۇن بولامدۇ؟ بۇرھان: يەنىلا شەكىلگە بېرىلىش مەسىلىسى. بەختىباينىڭ دەرس بەرگەنلىكىنىڭ قايسى نۇقتىدا ئىكەنلىكى يازمىدا ئىشارەت قىلىنغان. د... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | مېنىڭ تەنقىدىم دەل داموللام دېيىلىۋاتقاننىڭ گويا مىللەتنىڭ شەرئىي ۋەكىلىدەك تەلەپپۇزدا ئەھكام كېسىپ يۈكلىنىشى، ئەمما ئۆزىنى ئاددىي بىر مۇسۇلمان، ئاۋام سۈپىتىدە، قېرىندىشى سۈپىتىدە شەخستىن ھالقىپ مىللەتكە قارىتا ئومۇملۇق ئىپادىلەيدىغان ھۆكۈملەرنى بېرىشتىن بۇرۇن پېشانىنى سىلىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئىنتايىن مەنتىقىلىق، تەمكىن ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار | ھەرھالدا بۇ تەرەپلەر سىز ۋە مەندە چۈشىنىشلىك بولغان بولسا، پىكىرلەر ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا يازما ئۆز جايىنى ۋە ئەھلىنى تاپسا مەسىلە يوق، دەپ قارايمەن. ئەدەپ ۋە گۈزەل تىلەك بىلەن يازغان ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن تەكرار رەھمەت. ئامان بولۇڭ! | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىتتىن نېرى تۇر | كۆپنى كۆرگەن، ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدا ئىسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۆرە ئاتا بالىلىرىغا ھايات مىزانىدىن ئۈگۈت بەرمەكچى بوپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى بۆرە ئاتا بالىلىرىغا ھايات مىزانىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەرسىنى بېرىش ئۈمىدىدە ئۇلارنى يىغىپتۇ. بۆرە ئاتا بالىلىرىنى ئېلىپ ۋادىدىكى ئەڭ ئېگىز تۆپىلىككە چىقىپتۇ ۋە بالىلىرىغا ... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
ئىتتىن نېرى تۇر | قارىڭە، ئاۋۇ تۆت پۇتلۇقلار ئەجەب بىزگە ئوخشايدىكەن، دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بۆرە ئاتا شۇ ھامان تەنبىھ بېرىپتۇ: - بالىلىرىم، مەندىن نەسىھەت: ئېزىپ - تېزىپ بۇ خىلدىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ قالماڭلار، بۇنداقلارنى ئارىغا ئالماڭلار، چوقۇم يىراق تۇرۇڭلار! چۈنكى بىز نېمە تارتقۇلۇق تارتقان بولساق، دەل مۇشۇنىڭدەك بىزگە ئوخشاش كۆرۈنگە... | بۇرھان مۇھەممەد | ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى |
🌟 Uyghur AI Corpus: Bridging Heritage & Technology
🌟 ئۇيغۇرچە سۈنئىي ئىدراك خەزىنىسى: مىراس ۋە تېخنىكا كۆۋرۈكى
🌹 Introduction / كىرىش سۆز
In the era of Artificial Intelligence, language is data, and data is survival. The Uyghur AI Corpus is an initiative to ensure the Uyghur language thrives in the digital age. This dataset serves as a foundational resource to train Large Language Models (LLMs), enabling them to understand, generate, and translate Uyghur with native-level proficiency.
سۈنئىي ئىدراك (AI) دەۋرىدە، تىل — سانلىق مەلۇمات دېمەكتۇر. بۇ ئامبار — ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەقەملىك دۇنيادىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر كۆڭۈل سوۋغىسىدۇر. بىزنىڭ مەقسىتىمىز: كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئىدراك مودېللىرىنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان چۈشىنىشى، تەرجىمە قىلىشى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى توغرا ئىپادىلىشىگە ھەسسە قوشۇشتۇر.
🆕 What's New (Feb 2026 Update) / يېڭىلىنىشلار
- Content Update: Added new Uyghur articles and poetry to the dataset.
- مەزمۇن يېڭىلاندى: ئامبارغا يېڭىدىن نۇرغۇن ماقالىلەر ۋە شېئىرلار قوشۇلدى.
💎 Source & Collection / مەنبە ۋە توپلىنىشى
This corpus is a carefully curated collection of texts sourced from the open internet. It represents the collective intellectual heritage of the Uyghur people shared on various public platforms, forums, and websites over the years.
- 🌍 Diverse Origins: Stories, essays, articles, and historical accounts available in the public domain.
- ⚖️ Respect for Authors: While collected for AI training purposes, we deeply respect the original creators. Metadata such as
authorandsourcehas been preserved wherever possible to credit the intellectual owners. - 🛠️ Cleaned & Processed: The raw web data has been meticulously cleaned, formatted, and structured to meet high-quality AI training standards.
بۇ خەزىنىنىڭ مەنبەسى — كەڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدۇر. بۇ ئامباردىكى ئەسەرلەر يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك تور بەت، مۇنبەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان، خەلقىمىزنىڭ ئەقلىي بايلىقى بولغان ئوچۇق مەنبەلىك ئەسەرلەردىن تاللاپ يىغىلدى.
- 🎯 مەقسەت: بۇ ئەسەرلەرنى توپلاشتىكى بىردىنبىر مەقسەت — سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تىلىمىزنىڭ نازۇكلىقى ۋە پاساھىتىنى ماشىنىلارغا ئۆگىتىشتىن ئىبارەت.
- 🌹 ھۆرمەت: بىز ھەر بىر يازمىنىڭ ئاپتورىغا ۋە ئەسلى مەنبەسىگە ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. شۇڭا، سانلىق مەلۇماتلار تازىلانغاندا
author(ئاپتور) ۋەsource(مەنبە) ئۇچۇرلىرى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىندى.
📂 Data Structure / سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى
| Column / ئىستون | Meaning / مەنىسى |
|---|---|
title |
The title of the work. / ئەسەر ماۋزۇسى. |
text |
The main content used for training. / ئاساسلىق تېكىست. |
author |
The original creator. / ئەسەرنىڭ ئاپتورى. |
source |
The origin platform. / ئەسەر ئېلىنغان مەنبە. |
date |
Publication date. / ئېلان قىلىنغان ۋاقتى. |
translator |
Name of the translator. / تەرجىمان. |
- Downloads last month
- 75