text
stringlengths
16
1.35k
label
int64
0
1
مەيلى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بولسۇن، ياكى دەۋرنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشتا بولسۇن، ياشلار ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، ياشلىقىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، ئىچكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى - نەزەر دائىرىسى، ئىدىيەسى - قارىشى، تونۇشى - سەۋىيەسىنى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشتۈرۈشى كېرەك.
1
«شۇنداق، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆزئارا تۈرتكە بولىدۇ، تەڭ راۋاجلىنىدۇ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «بىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرسەك، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى ياخشى قۇرساق، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزسەك، يۇرتداشلارنى كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك سەھرا تۇرمۇشىغا ئېرىشتۈرەلەيمىز.»
1
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولغانلىقى تارىخىي خاراكتېرگە ئىگە.
1
ئاپىسى سىياڭ ئىزچىل ياڭجىننىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئوپىراتسىيىگە كېتىدىغان 200مىڭ يۇەندىن كۆپرەك پۇلنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى .
0
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خەت يازغىنىڭلارغا ۋە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئىشلىگەن نەپىس رەسىملەر توپلىمىڭلارغا رەھمەت، بۇنىڭدىن مەن سىلەرنىڭ خۇشال - خۇرام، بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىڭلارنى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىڭلارنى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىڭلارنى ھېس قىلدىم، بۇ كۆڭلۈڭلار مېنى تەسىرلەندۈردى.
1
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ئورگىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.
1
«ئىلگىرى كەنتنى قورشاپ تۇرغان قۇملۇق بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان بولدى.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، يېڭىچە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى يارمەھەللە كەنتىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پەن - تېخنىكا خادىملىرى يۇلغۇننىڭ يىلتىزىغا توشقانزەدىكىنى ئۇلىدى، توشقانزەدىكى دورا ماتېرىياللىرى بازىرىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.
1
سىلەرنىڭ بالدۇرراق جۇڭگو - لائوس تۆمۈر يولىدا قاتنىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
1
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
1
يول بويى بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش تەسىراتى ئۈستىدە توختالدى.
1
خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى ماڭا مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى كۈچەيتتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسا، ئاساسىي قاتلامدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بوشاشماي كۈرەش قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسا، بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيمىز».
1
«ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق»
1
كۇرسانتلارنىڭ تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، پۈتۈن بەدىنى لاي، سۇ بولۇپ كەتسىمۇ توسالغۇلار ئالدىدا توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى.
1
قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىدىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئىزناسى ئېنىق، قاتلاملىرى ئېنىق بولغاچقا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.
1
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا باتتۇلگا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
1
لېكىن يەنە ئويلىمىغان مەسىلىلەر يۈزبەردى، ئۆستەڭنى چېپىپ بولغاندىن كېيىن، سۇ سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، سۇنىڭ يېرىمى يەرگە سىڭىپ كېتىپ، ئورمان بەلبېغىنى تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەسى ناھايىتى چەكلىك بولدى.
0
بۇ ئامېرىكىنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە 2-قېتىم پاكىستانغا بېرىدىغان ياردەم مەبلىغىنى توختىتىپ قويۇشى .
0
قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى مەمەت جۈمە مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىمقى ھېيت - بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، كىشىلەر بۇ يەردە ئۇسسۇل ئويناپ، ھېيت - بايرامنى خۇشال تەبرىكلەيدۇ».
1
ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىش داۋامىدا بىلىمىمنى ئاشۇرۇپ، پەزىلىتىمنى تاۋلاپ، خىزمەت داۋامىدا ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولىمەن.
1
يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك
1
جۇڭگو تەرەپ شىۋېيتسارىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
1
ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەت ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 60دىن ئارتۇق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى «مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يول ياسىغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، كۈسەن ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى كۇچادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى، بۇمۇ مايتاغ-كۇچا تاشيولى بۇ يىل ئېچىلغاندىن كېيىن كۈتىۋالغان تۇنجى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ رەسمىي يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۆزئارا تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسى بار.
1
ئوردېننىڭ نۇرى كۆمۈلۈپ قالغان ئۆتكەن ئىشلارنى يورۇتىدۇ.
1
يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئايشەم كېۋەزلىكىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
1
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، تورداشلار سۈنx(ئەر، خەنزۇ، 21 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۇيتۈن شەھىرىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
0
چوڭ ئاكىسى قۇملۇقنىڭ چېتىدە يەر تېرىشنىڭ ئىنتايىن جاپالىقلىقىنى، ئاشلىق تېرىسا ھوسۇلىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرۈپ، سۈن چېڭجۇڭنى يۇرتىغا قايتىپ يەر تېرىشقا دەۋەت قىلغان، سۈن چېڭجۇڭ قوشۇلمىغان.
0
چۈشتە شى جىنپىڭ كورىيىنىڭ تۆت چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىسى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
1
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم، ئەۋلادمۇئەۋلاد لاياقەتلىك قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
1
ئابلىمىتنىڭ رەسىملىرى كۆپ قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دېھقان رەسساملار رەسىم كۆرگەزمىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
1
روسىيەنىڭ نوۋۇسبىرىسكىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئىسكىلاتىغا ئوت كېتىپ، 7 نەپەر جۇڭگولۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم قازا قىلدى.
0
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشقان، ئىقتىساد يەر شارىۋىلىشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىر - بىرى بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
1
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سېپىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئىدىيەدە ئىلغار، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، تەجرىبىسى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.
1
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە خەۋپ - خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىك پىششىقلاش ماشىنىلىرى ھەمدە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان يېمەكلىك خالتىسى، بىر قېتىملىق تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
1
نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش · كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان» باش تېمىسىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇپ، «كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش»تەك ياخشى مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ياراتتى.
1
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن، شۇڭا جەزمەن باشتىن - ئاخىر كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
1
شۇنۇڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۈلۈك ھوقوقىنى تىزىملاپ ھوقوق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، تېخىمۇ ئېنىق، قېلىپلاشقان مۈلۈك ھوقوقى تۈزۈمىنى شەكىللەندۈردى.
1
جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىدىن ئايرىلالمايدۇ ، ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ.
1
«ياش دېھقان رەسساملار پېشقەدەملەرنىڭ رەسىم سىزىش ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلدى، لېكىن ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلەش مەزمۇنىدا ئاز - تولا يېڭىلىق بار.» مۇختەر مۇنداق دېدى: يەكەن ناھىيەسى ياش دېھقان رەسساملارنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ رەسىم قەلىمىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتى ھەمدە يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
1
بىز 4- قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، يېڭى ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رەقەملىك يىپەك يولى، ئىجادچان يىپەك يولى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز.
1
بۇ تۈرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئاممىباب ئاۋىياتسىيە ساھەسى ۋە ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە ھەرىكىتى كەسپىدە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئاۋىياتسىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىمىز».
1
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئالدىنقى باسقۇچتىكى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
1
شىنجاڭ نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبوروت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇلتۇر شىنجاڭدا نىمكەش ئاپتوموبىل سودا مىقدارى 384 مىڭغا يەتكەن، سودا سوممىسى 24 مىليارد 624 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان.
1
دالا ئۇرۇشى كايۇتا دوختۇرخانىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئالدىنقى قاتاردىكى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى شۆبە ئەترەت»لىرىنى جەڭ مەيدانىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئورۇنلاشتۇردى، تۆت سائەت ئىچىدە %90 يارىدارنىڭ قازا قىلىش نىسبىتىنى %15-%20كىچە تۆۋەنلەتتى.
1
ياپونىيىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىردەك شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولىشىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ سىتىراتىگىيىلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ، دەرىجىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى تېپىپ ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يارىتىش كېرەك .
1
بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەرەققىيات سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
1
ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، مۇرەسسە قىلىنغان زىددىيەت كۆپ ئەمەس، سەمىمىي مۇلازىمەت كۆپ بولۇپ، گۈلباھار كۈلۈپ تۇرۇپ: مۇرەسسەچىلىك خىزمىتىمدىن پات ئارىدا «ئايرىلىپ قالىدىغان» ئوخشايمەن، دېدى.
1
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 24 ئىلىم-پەن بازىسى تەسىس قىلدى ھەمدە ھەر ھەپتىدە ئىككى مەيدان «جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مائارىپ دەرسخانىسى» تەسىس قىلدى، شۇنداقلا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى، شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە يەتكۈزدى.
1
ئەگەر دۆلەتنىڭ قوغدىشى بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز بولمايتتى، بىز ھەربىرىمىز دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك.
1
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
1
ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقە قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى ياخشى قىلىشى؛ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئەمەلىي ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
1
ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نەرسە يوق، پايدىلانغاندا ھېس قىلالمايمىز، يوقىتىپ قويغاندا ياشىشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ.
0
تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «فىلىمدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، سەمىمىي، دوستانە نەزەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ تېمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
1
قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەش، كانچىلىق كارخانىلىرىنى تاقاش، ساياھەتنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق قاتارلىق ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇھاپىزەت رايونى ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈردى، تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى ئومۇمىي سانىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى، ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلاردىن بارا - بارا ئۈركۈمەيدىغان بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى.
1
«نامرات كەنت»تىن «ئۈلگىلىك كەنت»كىچە
1
بىراق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەتىياز ئۇرۇق چېچىشتىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە ھوسۇل ئېلىش پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
1
2018- يىلى 5- ئايدا، ۋاڭ جۈنگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
0
ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىش، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىغا يېتىش كېرەك.
1
مەيلى قانچىلىك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشتىن قەتئىينەزەر، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىدىكى خەلقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ئۇلى ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساس ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
1
«دەۋر ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىدۇ، بىز جاۋاب بېرىمىز، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدۇ».
1
سىخامونى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كامبودژا خان جەمەتىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژا خەلقىنى تەمىنلىگەن قىممەتلىك مەدىتى، ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
1
ئىككى ئەۋلاد كىشىنىڭ 40 يىلدىن ئاشقان مۇرەسسە خىزمىتى مۇساپىسىدە، گۈلباھار «ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار» دېگەن سۆز بىلەن بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەسۋىرلىدى، ھەجىخان 40 يىل ئىلگىرى زىددىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى تېخىمۇ ئۆتكۈررەك ئىدى، دەپ قارىدى.
0
كۆپ خىل سېلىنما مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل پەن-تېخنىكا بىلەن قوللىنىشچان پەن-تېخنىكىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم.
1
ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىر تەرەپچىللىك باش كۆتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر زەربە بولماقتا؛ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئەۋج ئېلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىس ئاشماقتا.
0
باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇش كېرەك؛ ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
1
ئىككىنچى، بىز يېشىل تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە ئىنتىلىشىمىز كېرەك.
1
نۇرقانات سەيدۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سەككىز سائەت پويىزغا ئولتۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگىنىمىز بىكارغا كەتمىدى.»
1
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بازار سۇبيېكتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئون كىلوۋولت ھەم ئون كىلوۋولتتىن تۆۋەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاقىتنى قىسقارتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، قولايلاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ توپلاشتۇرۇش، تەرتىپنى توپلاشتۇرۇش ۋە خادىملارنى توپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى بېجىرىش خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى بېجىرىش ھالقىلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قولاي - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولايلىق - خەلققە پايدىلىق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.
1
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىياتنى ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
1
مەن سىلەرنىڭ جابدۇق ۋە مەشىقىڭلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇشى كېرەك.
1
تۆتىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.
1
بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئالماشتۇرۇلۇپ، سىغدۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا مەۋجۇت بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك گۈللىرى دۇنيا سەھنىسىدە پورەكلەپ ئېچىلماقتا.
1
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، مۇخبىر ئون نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن سۈپۈرگە بوغۇۋاتقانلىقىنى، ئىككى يېنىغا ئاق قوناق شېخىنىڭ دۆۋىلەنگەنلىكىنى كۆردى.
1
جى ئائىلىسى ئوقۇتقۇچى ئائىلىسى، «ئۈچىنچى تاغام جى زىشەندىن باشلاپ ھېسابلىساق، بىزنىڭ جى ئائىلىسىدىن 19 ئوقۇتقۇچى چىقىپتۇ» دېدى جى جىچاۋ بىرمۇنچە كونا سۈرەتلەرنى كۆرسەتكىنىچە پەخىرلەنگەن ھالدا.
1
چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان يى شۆكۇيگە نىسبەتەن، بۇ پەيت ئۈچۈن نورمال ئادەمدىنمۇ كۆپ ئەگرى - توقايلىق، جاپا - مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
0
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەملىكەتلىك قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تاراتقۇ، تور ئارقىلىق ھەر قايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى، پوچتا ساندۇقى ۋە خەت ساندۇقىنى ئېلان قىلىپ، يەرلىكتىكى قارا كۈچلەرگە، رەزىللىككە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسنى قوبۇل قىلغان.
0
بەش يىل ئىلگىرىكى شۇ پەيتنى ئەسلىگىنىدە، ئابدۇقېيۇم ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىكەن، يېڭى ئۆينى كۆرگەندىن كېيىن، يەنە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قىشتا قانداق ئىسسىنىدىغانلىقىمىزنى سورىدى».
1
ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق، يۇلغۇن توشقانزەدىكىنى ئۇلاش تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى ھەم خوتەن ۋىلايىتىدە نەچچە يۈز مىڭ مو يەرگە كېڭەيتىپ تېرىلدى، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدە يىغىۋېلىنىدۇ، توشقانزەدىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى مەھسۇلاتى 200 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى كىرىمى 4000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە يەتتى.
1
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى يولداش رۇەن فۇجۇڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
1
جۇڭگوچە سوتسيالىزم يېڭى دەرۋرگە كىردى، بۇ جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ دۇنيا سوتسيالىزم ھەرىكىتى تارىخىدا ئۆزگىچە ئەندىزىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
1
رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
1
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېشىش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىش»، «سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش»، «يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، كەڭ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
1
ئۇسسۇل «ياشلىق ھاياتىي كۈچىگە تولغان ئاسىيا»دىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى مودا بولۇپ، كەلگۈسى مەدھىيەلەندى.
1
جياڭشى جىڭگاڭشەن ماۋپىڭ يېزىسى شېنشەن كەنتىدە، ئەدەبىيات سەنئەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر يامغۇرغا قارىماي يۇرتداشلارغا ئېسىل ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.
1
ئىلگىرىكى يىللاردا سۇ ئورنىنىڭ پەرقى چوڭ بولغاچقا، تۇپراق قاتلىمىغا سۇ سىڭىپ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ زور دەرىجىدە ئېقىپ كېتىشى ۋە سۇ ئامبىرىدا لاي-لاتقىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
0
3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئۈلگىلىك كەنت»، بەختكە تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتى»...
1
شى جىنپىڭ كالا تاپشۇرغان ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكونىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەم كالاغا جوكو زۇڭتۇڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.
1
شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىرىپ كەلدى.
1
خېجىڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ئاۋ يېنىڭ ئۆيى گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، ئۆزى ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ لىققىدە تىزىلغانلىقىنى كۆرگەنىدى.
1
مۇشۇنداق قىممەتلىك روھقا ئىگە بولغاندا، ئاخىرىدا ئالتۇن مېدال ئېلىش - ئالالماسلىق مۇھىم ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى، ئارزۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتىكى كۈچلۈكلەردۇر.
1
جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
1
2019- يىلى 3- ئايدا، لى بىنغا پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
0
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومتېتى، گوۋۇيۈەن مىيىپلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.
1
4- ماي ھەرىكىتى ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش، دېموكراتىيە، ئىلىم - پەننى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى يېتىلدۈردى، ئۇنىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى.
1
【مۇخبىرنىڭ تەسىراتى】 ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىش جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى.
1
سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
1
يېڭى قاراش ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتقا يېتەكلەش
1
خىزمەت تەدبىرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئالاقىدار ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنىڭ بېجىرىلىشىگە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئامما بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1